ئىدىيەدىن پروتوتىپقىچە تەربىيەلەش پروگراممىسى

پروتوتىپ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تۇنجى ئۆرنەك ياكى مودېل دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، رەقەملىك ياكى فىزىكىلىق بىر مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈشتىن ئاۋۋالقى نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇيغۇر بالىلىرىنى ۋە ياشلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، ئوي-پىكىرلەرنى قانداق قىلىپ پروتوتىپقا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە 20 ھەپتىلىك ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزدۇق. ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى تېخنىكىنىڭ قايسى نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى مەھسۇلات لايىھەسىگە نىسبەتەن توغرا تەپەككۇر يولىنى كۆرسىتىمىز. بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسىدا پروتوتىپ لايىھەسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەپەككۇر جەريانلىرىنى، بىر پروتوتىپ لايىھىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پروگرامما ھالىتىدە تۈزۈپ، يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇھىتىدا تەقلىد قىلىشنى ئۆگىتىمىز. ئاردۇينو مىكرو كونتروللىغۇچ ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، پروتوتىپ لايىھەسىنى ئەمەلىي سىنايمىز. توردا ئۆتۈلىدىغان بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسى ھەقسىز بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 10 ياشتىن يۇقىرى بالىلار ۋە ياشلار قوبۇل قىلىنىدۇ

دەرس سۆزلىگۈچى: دوكتور مەمەتجان ياسىن (كانادا)

تەشكىللىگۈچى: مەڭگۈتەك تەربىيەلەش مەركىزى

بالىڭىزدا توغرا تەپەككۇر، ماھارەت ۋە يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال بىلىملىرى بولسا، بالىڭىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى.