يەتتىنجى دەرس




قانىلىمىزغا بېرىڭ Youtube

بۇ دەرستە ئالدىنقى قېتىم تونۇشۇپ چىققان پروگرامما تىللىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تاغ پويىزى ۋە ماشىنا مۇسابىقىسى ئويۇنىنى تەقلىدلىگۈچنى ئاردۇينودا دا قانداق ياساشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاشتۇق، ئاۋۋال تۆۋەندىكى ئىككى ۋىدىيونى كۆرۈپ.
بىرىنجى فىلىم
بىرىنجى فىلىم

ئاندىن يۇقىرىقى ۋىدىيودىكى سېۋەتنى مىدرىتىدىغان ئىشنى بىرەر ئۈسكۈنىگە ھاۋالە قىلغىلى بولارمۇ دەپ تۆۋەندىكى ئىككى ۋىدىيونى كۆردۇق بىرىنجى فىلىم بىرىنجى فىلىم

بۇ ۋىديونى كۆرگەندىن كېيىن كومپيۇتېردىكى ئويۇندىن كەلگەن ماشىنىنىڭ تېزلىكى، يانتۇلۇقى، ماشىنىنىڭ سىلكىنىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۇچۇرلارنى ئاردۇينو غا ئوڭۇشلۇق ئەۋەتەلىسەك مۇناسىپ كودلار ئارقىلىق يۇقىرىقى ئىككى ۋىدىيودىكىدەك تەقلىدلىگۈچنى ياسىيالايدىغانلىقىمىزغا كۆپىنچىمىزنىڭ كۆزى يەتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن پروگرامما يېزىش سەۋىيەمىزنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تە ئاددىي ئىككى ئويۇن ياسىدۇق، ئويۇندا تەكرارلىق ، شەرتلىك قۇرۇلما ۋە ئۆزگەرگۈچى ئۇقۇملىرىنى ئىشلەتتۇق، بۈگۈنكى دەرستىن كېيىن بالىلار بۇ ئۇقۇملارنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىپ ئاردۇينو دا تېخىمۇ راۋان كود يازالايدىغان ھالەتكە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

بۈگۈنكى دەرستىكى ئىككى ئويۇننىڭ ئادرېسى:
چۈجە ۋە تۇخۇم ئويۇنى
جىم تۇرمايدىغان توپ ئويۇنى

!ئويلىغىڭىزنى يېزىڭ

*
*
*